باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا خەلقئارا ئۆلچەمدىكى چاڭغا سەكرەش سۇپىسى ياسىلىدۇ

2017.08.07 13:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى يېقىندا ياپونىيەدىكى بىر كەسپىي لايىھەلەش شىركىتى بىلەن «دۆلەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى تەنتەربىيە مەشىق بازىسىنىڭ سەكرەش سۇپىسىنى لايىھەلەش توختىمى» ئىمزالىدى، بۇ ئېلىمىزدىكى تۇنجى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن سۇپىدىن سەكرەپ چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان سەكرەش سۇپىسى(تۆۋەندە سەكرەش سۇپىسى دېيىلدى)، شۇنداقلا دۆلەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى تەنتەربىيە مەشىق بازىسىنىڭ تۇنجى خەلقئارا ئۆلچەمدىكى قار ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا ياسىلىدىغان سەكرەش سۇپىسى ئېگىز تاغ چاڭغا تېيىلىش يولىنىڭ شەرقىي شىمالىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ جايدا تاغ ئېتىكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن ئىككى تاغ قىرى بولۇپ، يانتۇلۇق گىرادۇسى ۋە كەڭلىكى سەكرەش سۇپىسى ياساشقا ناھايىتى باب كېلىدۇ. بۇ سەكرەش سۇپىسى پۈتسە ئېلىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقى تولدۇرۇلىدۇ. بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش بۇ يىل تاماملىنىدۇ، بىرىنچى قاراردا خەلقئارا K75 ئۆلچەملىك، يەنى 75 مېتىردىن تۆۋەن سەكرەش سۇپىسى ياسىلىدۇ، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى ئېلىمىز بويىچە تۇنجى، شۇنداقلا بىردىنبىر تۆت پەسىللىك سۇپىدىن سەكرەپ چاڭغا تېيىلىش ھەرىكىتى مەشىق بازىسىغا ئايلىنىدۇ. 2018-يىلى باشلىنىدىغان ئىككىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشتا خەلقئارا K125 ،K90 ئۆلچەملىك سەكرەش سۇپىسى ياسىلىدۇ، بۇ سەكرەش سۇپىلىرى پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى خەلقئارا دەرىجىلىك تەنتەربىيە مەشىق بازىسىغا ئايلىنىپ، 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئو ت م غا تەييارلىق كۆرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ مەشىق بازىسىدا يەنە 2021-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسمەن مۇسابىقە تۈرلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا بۇ يىل 12-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك «يىپەك يولى خەلقئارا ياشلار چاڭغا تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئېلىمىزنىڭ قار- مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، شىنجاڭنىڭ قار- مۇز بايلىقى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، شۇنداقلا 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئو ت م غا پۇختا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان ئىككى قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ، شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن «بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م غا تەييارلىق كۆرۈش بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى» ئىمزالىغان، شۇنداقلا شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىغا «دۆلەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى تەنتەربىيە مەشىق بازىسى» دەپ نام بەرگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن خەلقئارا ئۆلچەمدىكى سەكرەش سۇپىسى ياساشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىتالىيە، نورۋېگىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋە كەسپىي لايىھەلەش شىركەتلىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەن، ئاخىرىدا ياپونىيەدىكى كەسپىي لايىھەلەش شىركىتى بىلەن توختام تۈزگەن. شىنجاڭ يىپەك يولى تەنتەربىيە مەشىق بازىسىنىڭ سەكرەش سۇپىسىنى لايىھەلەشنى ئۈستىگە ئالغان ياپونىيەلىك شىمانو مىيۇكى خەلقئاراغا داڭلىق سەكرەش سۇپىسى لايىھەلىگۈچىسى ئىكەن، ئۇ ياپونىيەدىكى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن سەككىز سەكرەش سۇپىسىنىڭ بەشىنى لايىھەلىگەن ئىكەن.

  قوشۇمچە ئەسكەرتمە:

  سۇپىدىن سەكرەپ چاڭغا تېيىلىش _ چاڭغا تېيىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر تۈرى. تەنھەرىكەتچى سۇپىدىن سەكرەپ چاڭغا تېيىلغاندا مەخسۇس لايىھەلەنگەن چاڭغا ئىشلىتىدۇ ۋە ھېچقانداق سىرتقى كۈچكە تايانماي، تەبىئىي تاغ شەكلىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان سەكرەش سۇپىسىنىڭ ئېگىز نۇقتىسىدىن تېيىلىپ چۈشۈپ، بۇ جەرياندا شەكىللەنگەن يۇقىرى سۈرئەتنىڭ تەسىرىدە كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، بوشلۇقتا بەدىنىنى ئالدىغا ئېگىپ، چاڭغا بىلەن تار بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ، بوشلۇقتا پارابولا سىزىقىنى بويلاپ ئۇچۇپ، يەرگە چۈشۈپ، توختاش رايونىغا تېيىلىپ بارىدۇ.

  سۇپىدىن سەكرەپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى نورۋېگىيەدە بارلىققا كەلگەن، 1879-يىلى نورۋېگىيەدە تۇنجى قېتىم سۇپىدىن سەكرەپ چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ تۈر 1924-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك قىشلىق ئو ت م دا مۇسابىقە تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەن. خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قىشلىق ئو ت م ۋە دۇنيا چاڭغا تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسنىڭ سۇپىدىن سەكرەپ چاڭغا تېيىلىش تۈرىدە تەنھەرىكەتچىلەر 70 مېتىر ۋە 90 مېتىرلىق ئىككى دەرىجە بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. تېيىلىش يولىنىڭ يانتۇلۇقى ئادەتتە 35 گىرادۇستىن 40 گىرادۇسقىچە بولىدۇ.

  خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش بىرلەشمىسى بۇ يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە دۇنيا بويىچە جەمئىي 238 سەكرەش سۇپىسى (ياسىلىۋاتقاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى تەستىقلىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر