باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو يىپەك يولى 26-نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم سەيلىسى 26-ئاۋغۇست باشلىنىدۇ

2017.08.07 13:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرپان شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، جۇڭگو يىپەك يولى 26- نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم سەيلىسى 26-ئاۋغۇستتىن 31-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. نۆۋەتتە، تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋېتىپتۇ.

  جۇڭگو يىپەك يولى 26-نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم سەيلىسىدە «تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى» ئاساسىي تېما قىلىنىدىغان بولۇپ، «يېڭىلىق يارىتىلغان، تېجەشلىك، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك» بايرام ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يەككە رايوندىكى ساياھەت بايرىمىنى يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى ساياھەت مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسال بايرىمىغا ئۆزگەرتىش، ھۆكۈمەت ئۆتكۈزىدىغان بايرامنى جەمئىيەت ئۆتكۈزىدىغان بايرامغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق تۇرپاننىڭ ساياھەتچىلىكتىكى ئوبرازى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك ئۈزۈم سەيلىسى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى باشلىنىدۇ، ئۈزۈم سەيلىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا 100 خىل ئۈزۈم، قۇرۇق ئۈزۈم، ئۈزۈم ھارىقى، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ كۆرۈش، كۆرگەزمە ۋە «تۇرپان ئۈزۈمى پىشتى» ئاساسىي تېمىسىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئۈزۈم سەيلىسى مەزگىلىدە يەنە «قەلبىمدىكى ئۈزۈم» تېمىسىدا توردا ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ۋە «تۇرپان، سەن توغرىسىدىكى ھېكايىلەر سۆزلىگەنگە تۈگىمەس» ئۈزۈم سەيلىسى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى تاراتقۇلار ئارقىلىق تۇرپان تەشۋىق قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق فوتوگرافلار تەكلىپ قىلىنىپ، «تۇرپان ھەققىدىكى سۈرەتلەر ئالبومى» كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ئۈزۈم سەيلىسىدە يەنە ئۈزۈم ئۈزۈش، ئىقتىساد- سودا پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر