باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دادىسىنىڭ بىر شاپىلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بالا

2017.08.02 10:46         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىلى 10-ئاپرېل كەچ، رx ئاغىنىلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ، مەس ھالەتتە كورلا شەھەر شىنىغا بازىرىدىكى ئىجارە ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.

  ئەتىسى ئەتىگەندە، يەنى 2017-يىلى 11-ئاپرېل رx ئۇخلاۋاتقاندا بۆشۈكتە ئۇخلاۋاتقان يەتتە ئايلىق ئوغلى تۇرسۇنجان راخمان ئويغىنىپ يىغلاپ كەتتى، ئايالى تاماققا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن رxقا بالىغا قاراپ تۇرۇشنى ئېيتتى، رx بۆشۈكنى تەۋرىتىپ ئوغلى تxنى ئۇخلىتىش مەقسىتىدە، بېشىنى كۆتۈرمەيلا قولىنى سۇنۇپ بۆشۈكنى تارتقان ۋاقىتتا بۆشۈك ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئوغلى تx تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى، ئارقىدىن ئۇ ئوغلى تxنى بۆشۈكتىن يېشىپ قۇچىقىغا ئېلىپ بەزلىگەن بولسىمۇ يىغىسى توختىمىدى، شۇنىڭ بىلەن رx ئاچچىقىدا ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئوغلى تx نىڭ سول تەرەپ پېشانىسىگە بىر شاپىلاق ئۇردى، بىردەمدىلا بالىنىڭ سول تەرەپ پىشانىسى ۋە ئىككى كۆزى كۆكىرىپ، يىغىسى بوشاپ، ئۆزىنى تاشلاپ خىرقىراپ قالدى، ئارقىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىش جەريانىدا بالا قازا قىلدى.

  كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ زىيانلانغۇچى ت xنىڭ جەسىتىنى ئوپىراتىسيە قىلىپ، ئۆلۈم سەۋەبىنى بېكىتىش بويىچە ئەدلىيەلىك باھالاتقۇزدى، كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىگە ئاساسەن ت x سىرتقى زەخمە سەۋەبتىن چوڭ مېڭىگە قان چۈشۈپ ئۆلگەن، دەپ بېكىتتى.

  كورلا شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارى رxنىڭ يەتتە ئايلىق بولغان بالىسىنىڭ پىشانىسىگە بىر شاپىلاق ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايى قىلمىشى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولۇش) جىنايىتىنىڭ شەكىللىنىش ئالاھىدىلىكىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، پاكىتى ئېنىق، مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىش ئېھتىماللىقى بار، ئىجتىمائىي ئاقىۋەت ئېغىر، قولغا ئېلش شەرتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ قاراپ 2017-يىلى 24-ئاپرېل رxنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى. (كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئاينۇر ئابدۇللا تەييارلىغان)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر