باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا شىنجاڭ 18 ياشلىقلار ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى نۇقتا توپ ئارقىلىق شەندۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۆت كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى

2017.07.31 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ئىيۇل كەچتە، تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى 18 ياشلىقلار تۈرىدە، شىنجاڭ ۋە شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 18 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ 3-مەيدان مۇسابىقىسىنى ئاياغلاشتۇردى، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن نەتىجە 1دە1 بولۇپ تەڭلىشىپ، ئىككى تەرەپ نۇقتا توپ تەپتى. شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرى نۇقتا توپتا 5دە 3 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدىكى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسى 3 دە 0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلغانىدى. بىراق ئىككىنچى ئايلانمىدا شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن سىچۈەن كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ 0 دە 0 تەڭلىشىپ، نۇقتا توپ تېپىشتە شىنجاڭ كوماندىسى ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا يېڭىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن شەندۇڭ ۋە شىنجاڭ كوماندىسى ئوخشاشلا بىر مەيدان يېڭىش، بىر مەيدان يېڭىلىشتەك نەتىجىگە ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى 18 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقە بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىككى تەرەپ قايتىدىن بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، تۆت كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىش نامزاتلىقىنى تالاشتى.

  مۇسابىقە باشلىنىپ 25 مىنۇت بولغاندا، شەندۇڭ كوماندىسى ئاۋۋال بىر توپ كىرگۈزدى، يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئەكبەر كاللا توپتىن بىرنى ئۇرۇپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ 1 دە 1 نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمەي، نۇقتا توپ جېڭى ئوينىدى. نۇقتا توپتا شىنجاڭ كوماندىسى ئالدى بىلەن بىر توپ كەتكۈزۈپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسى ۋاراتارى يۈسۈپ قارشى تەرەپنىڭ ئىككى توپىنى توسۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرىدا 5 دە 3 نەتىجە بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش نامزاتلىقىنى قولغا كەلتۈردى.

  بۇ، 2013-يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر