باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈردى

2017.07.28 16:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ياخشى مەبلەغ سېلىش، سودا قىلىش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، يېقىندا «گوۋۇيۈەننىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن ئاكتىپ پايدىلىنىشقا دائىر بىر قانچە تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان.

  لايىھەدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرى ۋە سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، تەستىقلاش، رويخەتكە ئېلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىچكى- تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش قاراشقا، ئادىل رىقابەتلىشىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يولغا قويۇلۇپ بولغان يەرلىك قانۇن- نىزاملارنى رەتلەپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئايرىم قويۇلغان قوشۇمچە شەرتلەر ۋە كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى ماددىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئوچۇق بازار قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھوقۇقتا، پۇرسەتتە، قائىدىدە باراۋەر بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  لايىھەگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر جامائەت ئىشلىرى ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت نىزامى»دىكى تەلەپلەر بويىچە، تاشقى مەبلەغنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ئۇسۇلى بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشىنى قوللاش كېرەك. چەت ئەللىكلەرنىڭ مەڭگۈ تۇرۇپ قېلىش كىنىشكىسى بار بولغان چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلارنىڭ پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى قۇرۇشىنى قوللاش ھەم ئۇلارغا جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى پۇقرالارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلاردىكى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە ئىلھام بېرىش، غەربىي رايونلاردىكى ئىلھام بېرىش تۈرىدىكى كەسىپلەردىن چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنى كارخانا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش ھەم يەرلىك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن ئوخشاش بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈشنى تەستىقلاپ تىزىملاش، قېزىلما بايلىقلارنى قېزىشنى تەستىقلاپ تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىدۇ، نېفىت، تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى سىرت بىلەن ھەمكارلىشىدىغان تۈرلەرنى تەستىقلاش تۈزۈمى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىدۇ، شىنجاڭغا كىرىدىغان تاشقى مەبلەغ ياغ كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ ئاشلىق- ياغ ئۇچۇرلىرى ئىستاتىستىكا سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، شۇ يەردىكى كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تاشقى مەبلەغ باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: لايىھەنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، قولاي، ئوچۇق سودا قىلىش مۇھىتى يارىتىلىدۇ، چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ۋە سۈرئىتى مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر