باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇلدى

2017.07.28 16:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانجى ئوبلاستىلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ زالىدا 7- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىش بېجىرىشكە كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. مەلۇم كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىغا مەسئۇل خىزمەتچىسى جاڭ چيەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىر قانچە كۆزنەككە بېرىپ ئىش بېجىرەتتۇق، ھازىر بىر كۆزنەكتىلا بارلىق تەرتىپنى تاماملىغىلى بولىدۇ، ئىلگىرى بېجىرىشكە 40 مىنۇتتەك ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر 10 نەچچە مىنۇتتىلا بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى بارغانسېرى ئاسانلاشتى.

  ئاپتونوم رايون «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، سانجى ئوبلاستلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنىڭ «ئۇنىۋېرسال پوكەي تۈزۈمى»نى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، ئەسلىدىكى بىر قانچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فۇنكسىيەلىك ئىقتىدار كۆزنىكىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەككە ئۇنىۋېرسال كۆزنەك تەسىس قىلدى ھەم بانكىلارغا ئوخشاش نومۇر چاقىرىپ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «بىر كۆزنەكلىك مۇلازىمەت»نى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ خىل خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2- ئاينىڭ 7- كۈنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئاچقانىدى. قىسغىنە بەش ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلار زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى چىڭ، ئەمەلىي ۋە ياخشى تۇتتى؛ بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، «ئۆگىنىش»كە كۈچەپ، «ياخشىلاش»قا ئەمەلىي چارە تېپىپ، «ئىلگىرى سۈرۈش»تە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇردى.

  «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسى «ئۆگىنىش»تە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنى، شۇنداقلا 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ ئۆگىنىش، ئەينەن ئۆگىنىش، قايتا- قايتا ئۆگىنىش، ۋاسىتىنى بېيىتىپ يېڭىلىق يارىتىپ ئۆگىنىش، ئىجابىي ۋە سەلبىي تىپلارنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىش، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگەنگەنگە ئىشىنىپ، ئۆگەنگەندىن پايدىلىنىپ، ئۆگەنگەننى تەتبىقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ھەقىقىي پۇختىلىشى كېرەك.

  «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى «ياخشىلاش»تا. ئاپتونوم رايونىمىز مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشىنى قەتئىي تۈگىتىپ، «كاززاپلىق» قىلىش، رولىنى جارى قىلدۇرماسلىق، ئەستايىدىل بولماسلىق، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» خاھىشىنى كەسكىن تۈزەتتى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشىلاپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلغانلىقتىن، ھەر مىللەت ئامما ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتى ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز بىر قىسىم پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىكى «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»، شۇنداقلا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشنى كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ تۇتۇپ، ئۆزىنى تارتماسلىق، قول ئۈزمەسلىك، قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئېغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسىلىنى تۈزەپ، ئىستىلنى ياخشىلاشقا كۈچەپ، ئەلرايىنى مايىل قىلدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 526 سى تەكشۈرۈپ چىقىلىپ، 570 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى، 372 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى؛ 17 مىڭ 639 قېتىم نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىدىن 28 مىڭ 936 سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 4008 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى. ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش- ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن تۆتنى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ناتوغرا ئىستىل ۋە «مىكرو چىرىكلىشىش» مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈردى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان زور بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلە ۋە تەلەپلەر ھەل قىلىنىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ياخشىلىنىپ، پارتىيە رايى ۋە ئەلرايى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇلدى.

  «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەقسىتى − «ئىلگىرى سۈرۈش»تە. ئاپتونوم رايونلۇق تەكشۈرۈش- ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش چىقارماسلىق، خەۋەر قىلماسلىق، ھەمراھ ئالماسلىق، يۆنىلىشنى بېكىتمەسلىك، بىۋاسىتە بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جايلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلانما ھالەتتە يوشۇرۇن، چېكىپ تۇرۇپ ئۇشتۇمتۇت تەكشۈردى. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسى كۈندىن- كۈنگە پۇختىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر