باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەنت ئاھالىلىرى ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلدى، كەنت قانۇن بويىچە باشقۇرۇلدى

بايىنغولىن ئوبلاستى «دۆلەت بايرىقى ئاستىدىكى كەنت ئەھدىنامىسى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق ياراتتى

2017.07.28 16:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7- ئاينىڭ باشلىرى دۈشەنبە كۈنى ئىدى، باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى خار ئىنگىن كەنتىدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلىشىپلا، كەنت كادىرلىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئەھدىنامىسىنىڭ قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى باھالىدى. كەنت ئاھالىسى ئوسمان ھەسەن مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىقى ئاستىدا قىلغان ۋەدەمنى ئويلىسام، مەسئۇلىيىتىمنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن.

  خار ئىنگىن كەنتى دېھقان- چارۋىچىلارنى «دۆلەت بايرىقى ئاستىدىكى كەنت ئەھدىنامىسى» پائالىيىتى جەريانىدا كەنت ئەھدىنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئۇيۇشتۇردى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى كەنت ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈپ، كەنت ئەھۋالى، ئەلرايىنى تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەممە كىشىنى تەربىيەلەشنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى، خوجايىنلىق ئېڭىنى تولۇق قوزغىدى.

  بۇ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق ياراتقانلىقىنىڭ، كەنت دەرىجىلىك ئورۇنلارنى باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

  بۇ يىل 4- ئايدىن بۇيان بايىنغولىن ئوبلاستى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەندىزىسىدە پائال ئىزدىنىپ، كەنت ئەھدىنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئالدىن يولغا قويۇپ سىناق قىلدى ھەم بۇ خىزمەتنى دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، «دۆلەت بايرىقى ئاستىدىكى كەنت ئەھدىنامىسى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا يېڭىلىق ياراتتى.

  بايىنغولىن ئوبلاستى كەنت ئەھدىنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش باسقۇچىدا يېزا- كەنت كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، يەرلىك تەشۋىقاتچىلار، «تۆت پېشقەدەم»لەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يوقلاش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىپ، دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەنت ئەھدىنامىسى، سىياسەت، قانۇن- نىزاملارنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلدى. كەنتلەر يەنە كەنت ئەھدىنامىسىنى ئۇيغۇرچە، موڭغۇلچە تەرجىمە قىلدۇرۇپ، «قوش تىل» بىلىدىغان كادىرلارنى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللەپ، بۇنىڭدىن ھەممە كىشىنى خەۋەردار قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. كەنت ئەھدىنامىسىنى ئامما ئېتىراپ قىلىش، ھەقىقىي يولغا قويغىلى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەنتلەردە يەنە كەنت ئەھدىنامىسىنى بېكىتىش ھەيئىتى، ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ھەيئىتى، كەنت ئەھدىنامىسىنى تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلدى، كەنت ئاھالىلىرىدىن خالىس نازارەتچى تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىلدى.

  بايىنغولىن ئوبلاستى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، «قانۇن ئىدارە قىلىش + ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش + ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش»تىن ئىبارەت «ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىش» تەك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق چەكلەش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇشنى بىر- بىرىگە سىڭدۈرۈپ، بارغانسېرى مۇكەممەللەشكەن كەنت ئەھدىنامىسى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تەننەرخىنى تېجەپ، كەنتلەرنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رولىنى جارى قىلدۇردى. بولۇپمۇ كەنت «ئىككى كومىتېتى» بەنزىسى كەنت ئەھدىنامىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، يادرولۇق كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتتى، يېزا كەيپىياتى مەدەنىيلىشىپ، مۇھىت قۇرۇلۇشى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «دۆلەت بايرىقى ئاستىدىكى كەنت ئەھدىنامىسى» پائالىيىتى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى، ئامما «مۇقىملىقنى قوغدىغانلىقنىڭ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش» ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتى.

  بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ مۇنداق دېدى: «دۆلەت بايرىقى ئاستىدىكى كەنت ئەھدىنامىسى» سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى قانۇن ئىدارە قىلىش يولى، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى پۇختا ئاساس.

  ھازىر «دۆلەت بايرىقى ئاستىدىكى كەنت ئەھدىنامىسى» پائالىيىتى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېزا- بازار، كەنتلىرىدە قىزغىن قانات يايدۇرۇلماقتا، كەنت ئەھدىنامىسى قەغەزگە يېزىلدى، تامغا ئېسىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر