باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر شەھىرى يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2017.07.28 16:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەشقەر شەھىرى قۇمدەرۋازا كوچىسى غەربىي خەلق يولى مەھەللىسىدىكى يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنت، نەنچاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ 4- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان مىرزاتجان ئەرشىدىن 7- ئاينىڭ 24- كۈنى مەھەللىدە ئۆتكۈزۈلگەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە مۇنداق دېدى: كىچىكىمدىن تارتىپ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى، يۇرتۇمدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇم. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋەقە تۇغدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتتىكى زەھەرلىك ئۆسمىگە ئايلاندى. بىز قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەمىز بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىمىز.

  قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش مۇلازىمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ گۇاڭيۇڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قەشقەر شەھىرى يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش مۇلازىمىتى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى مەخسۇس تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلارنى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى، يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش مۇلازىمىتى مەخسۇس يىغىنى ئېچىشقا تەشكىللەپ، خىزمەت لايىھەسىنى تۈزدى، نۇقتىلىق خىزمەت مەزمۇنىنى بېكىتتى. ھازىرغىچە قەشقەر شەھىرى يۇرتىغا قايتقان 6586 ئوقۇغۇچى ئارىسىدا تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە تەشكىللەپ، ھەر مىللەت ياشلارنى «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى.

  ئۇقۇشىمچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى تەربىيەلەش مۇلازىمەت نۇقتىسىدا، مەكتەپتە ۋە يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى)لاردا تەڭ ئېلىپ بېرىلغان. ھازىر قەشقەر شەھىرىنىڭ مائارىپ مۇلازىمەت نۇقتىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يۇرتىغا قايتقان 1992 ئوقۇغۇچىنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە تەشكىللىگەن. ئوقۇغۇچىلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە كەلتۈرگەن زىيىنىنى چوڭقۇر پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان، تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندا ئۇلار ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى يېزىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى قەتئىي مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.

  قەشقەر شەھىرى يەنە يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات پائالىيىتى، سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ، ئۇلارنى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە مەردانىلىك بىلەن جەڭ ئېلان قىلىشقا يېتەكلىگەن.

  قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ بازىرىدىكى مەمتىمىن تۇرسۇن بۇ يىل شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەنىدى. مەمتىمىن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئىستۇدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر بىر قەدىمىم ۋە بېسىپ ئۆتكەن ھەر بىر باسقۇچۇم دۆلەتنىڭ تەربىيەلىشى ۋە غەمخورلۇقىدىن، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرى چېچىشى ۋە يېتەكلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن ئەۋزەللىكىمنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئاكتىپ ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، سىياسىي ئېڭىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم، ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغدايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر