باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن قوغدايمىز

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر سەلتەنەت قىنايەت

2017.07.28 16:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىگە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۇزاق يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم دەپ قارايمەن. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق شەكىلدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان- تېررورچى كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك كادىر، بولۇپمۇ ئۇزاق مەزگىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە، بىز مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە مۇقەددەس بۇرچنى ئۈستىمىزگە ئالغان؛ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن تۈرلۈك ھوقۇقىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان تارباغاتاي قۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ؛ مەردانە بولۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاڭلىق باشلامچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. ئاڭلىق ھالدا قانۇننى بىلىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، بويسۇنىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، «نىزام» نى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشىمىز ھەم ئۆگىنىشنى ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز؛ «نىزام»غا سېلىشتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق «بىخ» لىرى ياكى ھەرىكەتلىرىنى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىشىمىز، ھەرگىز قانات ئاستىمىزغا ئالماسلىقىمىز، قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىقىمىز؛ «نىزام»نىڭ ئىجرا قىلىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «نىزام»نىڭ ياخشى رول ئوينىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچى، تىرىشىپ ياخشى قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك. دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى بولغان خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتەك مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قانۇننى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىش ئارقىلىق قاراتمىلىققا ئىگە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ، گۈزەل، ئىناق، بەختىيار تارباغاتاي قۇرۇشقا ياخشى قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ۋىلايەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسىرى زور بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش، تەربىيە بېرىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ئامما بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ياخشى ئۇچۇرچىلارغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  بەشىنچى، ئىتتىپاقلىق جەھەتتە زېرەك ئادەملەردىن بولۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى، ئىتتىپاقلىقنى، چۈشىنىشنى، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى خىزمىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر