باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى كۈچلۈك قوغدىغۇچىلاردىن بولىمىز

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى

2017.07.28 16:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، 1000 يىللىق قەدىمىي شەھەر يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈلدى؛ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن قەشقەر خەلقىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ئۈزۈل- كېسىل ياخشىلاندى؛ 60 يىل ئىلگىرى قەشقەرلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 30 ياشقىمۇ بارمايتتى، ھازىر قەشقەرلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 72.35ياشقا يەتتى؛ يېزا «قوش تىل» يەسلىلىرى ھەممە جايدا قۇرۇلدى، تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ھەممىسى يەسلىگە كىردى... قەشقەردە يۈز بەرگەن كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى بولىدىغان، نەپ بېرىدىغان بۇ ئۆزگىرىشلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردىمى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى. قەشقەر خەلقى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، ۋەتەننىڭ شەپقىتىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلايدۇ. لېكىن، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» قەشقەر خەلقىنىڭ بۇنداق بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئۇلار جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى قورقۇتۇپ ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئەخمىقانە خام خىيال! ئۇلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئارىسىدىن چىققان مۇناپىقلاردۇر. چېگرا رايونغا جايلاشقان قەشقەردىكى خەلق تارىختا ۋەتەنگە تەلپۈنىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى شەكىللەندۈرگەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك باشتىن- ئاخىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى بولۇپ كەلدى. بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتىن ئىبارەت بۇ ھايات- ماماتلىق كۈرەشتە، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلق تارىخ يۈكلىگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  بىز يەنە سەگەكلىك بىلەن شۇنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەككى، قەشقەرنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، دىنىي زاتلار ۋە سودا- سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار ئارىسىدا بەزى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مەۋجۇت. كادىرلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بارلىق ئاماللارنى، تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، سىياسەتنى قايرىپ قويۇپ، يۆنىلىشنى بۇرمىلىدى، ھەتتا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بىر ئېقىندا ئاقتى؛ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كىشىلەرنى ئەنسىزلىككە سېلىپ، خەلق ئوقۇتقۇچىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي مەيدان ۋە سىياسىي ئاڭنى پۈتۈنلەي يوقاتتى؛ دىنىي زاتلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر توغرا ئېتىقاد، توغرا ھەرىكەتنى بۇرمىلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى زەھەرلىدى؛ سودا- سانائەتچىلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئورۇن، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مالىيە مەنبەسى ۋە قولچومىقى بولدى.

  رەھىمسىز رېئاللىق بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىش، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ قالدۇق زەھىرىنى ئۈزۈل- كېسىل تازىلاش ھازىر قەشقەردىكى ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.

  1000 يىللىق گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، باشتىن- ئاخىر ۋەتەنگە تەلپۈنۈشىمىز كېرەك؛ 1000 يىللىق تارىخنى ئۇنتۇماي باشتىن- ئاخىر ۋەتەننى ھىمايە قىلىشىمىز كېرەك؛ پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى قەشقەرنى يورۇتتى، قەشقەر خەلقى پارتىيەگە تەلپۈندى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭدى. بۇ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى. بىز جەزمەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ ئاتاكىغا ئۆتۈشىمىز، رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقىمىز كېرەك!

  مەملىكەتلىك 6- قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىغا يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. قەشقەردىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش جەريانىدا جەزمەن بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر