باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭنىڭ «13–بەش يىللىق» ئېنېرگىيە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى بېسىپ تارقاتتى ھەم يولغا قويدى

2017.07.28 16:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭنىڭ <13- بەش يىللىق> ئېنېرگىيە تەرەققىيات يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتقان ھەم يولغا قويغان. «يىرىك پىلان»دا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «13- بەش يىل» دىكى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى، تەرەققىيات نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ھەمدە رايونلارغا جايلىشىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «13- بەش يىللىق» ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش تەرتىپىگە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىنغان بولۇپ، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئاپتونوم رايون «13- بەش يىل»دا، دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول»دىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتىشىگە ئاساسەن، بايلىق ئېچىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىدىن ئىبارەت ئاساسىي ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، غەرب بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، شەرققە كىرگۈزۈش، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا چىقىرىش، پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى تەرەققىيات يۆنىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، قۇرۇلۇش كۆلىمىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېنېرگىيە ئېچىشتا بايلىقنى يېتەكچى قىلىشتىن بازارنى يېتەكچى قىلىشقا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ يىللىق قۇرۇلۇش كۆلىمىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بازار ئەھۋالى ۋە ئىستېمال ئىقتىدارىغا بىرلەشتۈرۈپ، يىللىق قۇرۇلۇش پىلانىنى ئىلمىي بېكىتىدۇ؛ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلەرنىڭ قانۇنلۇق قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020- يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ بىر قېتىملىق ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 350 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە يەتكۈزۈلۈپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كۆپ مەنبەلىك، مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز ئېنېرگىيە ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئېنېرگىيە ئىدارىسى «يىرىك پىلان»نى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «13- بەش يىللىق» ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر