باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 2017- يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ

پېنسىيەگە چىققانلاردىن بىر مىليون 330 مىڭ كىشى بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2017.07.28 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017 - يىلى شىنجاڭدا كارخانا ۋە ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى ماس قەدەمدە تەڭشەپ ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي تەڭشەش سەۋىيەسى 2016– يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ %5.5ى ئەتراپىدا تەڭشەلدى.

  26- ئىيۇل،مۇخبىرنىڭ شىڭنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە،بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز 2016– يىلى تۇنجى قېتىم كارخانا ۋە ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى بىر تۇتاش تەڭشەشنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويغاندىن بۇيان، كارخانا ۋە ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ماس قەدەمدە تەڭشەپ ئۆستۈرۈشى بولۇپ، ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ «بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن»لىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن جەنشۆ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغانورما بېكىتىپ تەڭشەشتە ئىجتىمائىي ئادىللىق گەۋدىلەندۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ تەڭشەش ئۆلچىمى بىردەك بولۇپ، ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 35 يۈەندىن قوشۇلىدۇ. ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى ياكى خىزمەتتىكى ۋاقتى ئوخشاش بولماسلىق ۋە كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى ئوخشاش بولماسلىق قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، شەخسىيلەرنىڭ كۆپەيتىلىدىغان كۈتۈنۈش پۇلىدىمۇ پەرقلەربولىدۇ.

  بۇندىن باشقا، چېتىپ تەڭشەشتە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، خىزمەتتىكى ۋاقىتتا كۆپ ھەق تاپشۇرغان ۋە ئۇزاق مۇددەت ھەق تاپشۇرغانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى كۆپرەك بولىدۇ. بۇنىڭدا، بىرىنچىسى، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى (خىزمەتتىكى يىل چېكى) بىلەن چېتىشلىق بولىدۇ. بۇنى كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تەڭشەش دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيەگە چىققانلارغا ئالدى بىلەن ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 30 يۈەن قوشۇلۇپ، 16- يىلدىن باشلاپ، ھەر بىر يىل توشسا ئىككى يۈەن قوشۇلىدۇ،ئۇزۇن مۇددەت ھەق تاپشۇرغانلار كۆپرەك ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ؛ ئىككىنچىسى، پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى بىلەن چېتىلىدۇ، پېنسىيەگە چىققان خادىملار 2015- يىلى 12- ئايدىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنىڭ %2.5 بويىچە كۆپەيتىپ تارقىتىلىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ھەق تاپشۇرغانلار كۆپرەك ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر