باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۆچمە تەشۋىقات ئەترىتى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىش

2017.07.27 16:38   مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دانا سىياسىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز، ھەر بىر ئائىلىگىچە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك». خىزمەت ئەترەت باشلىقى يەن لى خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى باشلاپ ئېتىز-ئېرىققىچە بېرىپ، ئېتىز بېشىدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە دەرسى ئۆتتى، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلدى. خىزمەت ئەترىتى باشلىقى يەن لى مۇنداق دېدى: «پارتىيە بايرىقى نەگە سانجىلغان بولسا، شۇ يەرگە بېرىپ پارتىيە دەرسى ئۆتىشىمىز كېرەك، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تىز ئۈنۈملۈك پارتىيە دەرسى ئۆگىنىشى ئۈچۈن كۆچمە دەرسخانا بەرپا قىلدۇق، پارتىيەلىك كادىرلار دائىم تەلىم-تەربىيە ئېلىش بىلەن بىللە كەڭ خەلق ئاممىسى ئۇزاق مۇددەت نەپكە ئېرىشىشى كېرەك».

  ئاقسۇ شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئاقسۇ شەھىرى دولان رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى باغۋەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانداق قىلغاندا پارتىيە ئەزالىرىغا ئۇزاق مەزگىللىك تەلىم-تەربىيە بېرىش مەسلىسى توغرىسىدا ئويلىنىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مەھەللە ئىككى كومىتېت بەنزە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ، مەھەللىدىكى تۇنجى كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى تەشۋىقات ئەترىتىنى قۇرۇپ چىقتى. خىزمەت ئەترىتى

  تەشكىللىگەن پارتىيە ئەزالىرى تەشۋىقات ئەترىتى بوران-يامغۇر چىقىشىدىن قەتئىينەزەر ئېتىز-ئېرىق بېشىغا بېرىپ، دېھقانلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، بىرلىكتە ئەمگەك قىلىپ، پاتىيەنىڭ لۇشيەن، سىياسەتلىرىنى ئاممىنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈردى. خىزمەت ئەترىتى ئاممىنىڭ ئەمەلىي تەلىپىنى ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشىنىشلىك سۆزلەر ئارقىلىق ئاممىغا چۈشەندۈردى.

  دېھقان مەخمۇت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بىز يىراقتىن قىزىل بايراقنى كۆرسەكلا، تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىمىز، بىز تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرۈمىز، بىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەمىز تۆۋەن بولغاچقا، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئاندا-مۇندا بىلەتتۇق. مەھەللىمىزدە تەشۋىقات ئەترىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، نېمىنى سورىسا شۇنى بىلىدىغان، نېمىنى سۆزلىسە شۇنى چۈشىنىدىغان بولدۇق، تەشۋىقات ئەترىتى ھەقىقەتەن قالتىسكەن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋى…
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل شىنجاڭدىن جەمئىي 56 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى
    ·15 كەسىپ 2-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق كەسپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 13 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنى…
    ·يېقىنقى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلاتسا،ئۇ، باشقىلار تەرىپى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش ياردەمچى يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى
    ·ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى جۇڭگوغا كەلگەن 7000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدى
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟