باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چۆچەك شەھىرىدىكى 400دىن ئارتۇق سەھرا سەيلىگاھى نۇرغۇن سودىگەرلەر ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا

2017.07.27 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېرىمدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ئۇيقۇغا كەتكەندە، غەربى شىمال چېگراغا جايلاشقان شىنجاڭنىڭ چۆچەك شەھىرى كەچكى قۇياش شەپىقىدە بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ئىسسىق ۋاقىتنى كۈتۈۋالىدۇ، چوڭ-كىچىك كوچىلاردا 400دىن ئارتۇق سەھرا سەيلىگاھى بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمىكىدىن ھۇزۇرلىنىشقا باشلايدۇ.

  چۆچەك شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك قىزغىنلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئېشىپ كەتكەن. قىسقىغىنە بىر قانچە يىلدا، شۇ جايدىكى سەھرا سەيلىگاھى تەرەققىي قىلىپ مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت قېلىپلاشتۇرۇپ رەتكە سېلىش ئارقىلىق، ھازىر 440تىن ئارتۇق ھەرخىل ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سەھرا سەيلىگاھى بار بولدى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار 2000دىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە "ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇلتۇز دەرىجىلىك سەھرا سەيلىگاھى" دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئورۇندىن 29ى بار. خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، داغۇر، شبە، رۇس قاتارلىق 25 مىللەت ياشايدىغان مۇشۇنداق چېگرا كىچىك شەھىرى- شەھەردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سىڭىشىپ ياشايدىغانلىقى بىلەن داڭ چىقاردى.

  شۇ جايدىكى ساياھەت تارماقلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، چۆچەك شەھىرى سەھرا سەيلىگاھى جەمئىيىتى قۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەيتتى ھەمدە چۆچەكتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە بۇنى جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چۆچەك شەھىرى يەنە 25 مىللەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان، 25 ئالتۇن گۈل يېمەك-ئىچمەك كارخانىسى قۇردى ھەمدە شۇ جايدىكى 29 يۇلتۇز دەرىجىلىك سەھرا سەيلىگاھىنىڭ دەرىجىسىنى بىر سەيلىگاھنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولۇش، بىر سەيلىگاھنىڭ كۆپ ئالاھىدىكى بولۇشتەك كۆلەملەشكەن كەسىپكە ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو قازاقىستان چېگراسىدىكى باقتۇ چېگرا ئېغىزىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان چۆچەك شەھىرى، بارغانچە كۆپ چەتئەللىك سودىگەرلەر ۋە ئىچكى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، بۇ چېگرا شەھىرىنى تېخىمۇ كۆپ مىللىي مەدەنىيەت ئالمىشىش ۋە سىڭىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

  يېمەك-ئىچمەكمۇ ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقنىڭ ئالماشتۇرۇشىدىكى كۆۋرۈك بولۇپ قالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر