- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
25-ئىيۇل سائەت 18:30 دا ئۈرۈمچىدە 2017-يىللىق تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ
2017.07.25 14:58 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
21-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھىرى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1-تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى، 2017-يىلى 1-تۈركۈمدىكى مەكتەپلەر 11 مىڭ 260 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. 22-ئىيۇل 1-تۈركۈمدىكى 20 مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي ئېچىلىپ، 24-ئىيۇل ئاخىرلىشىدىكەن. 25-ئىيۇل سائەت 18:30 دا ئوقۇغۇچىلار «ئۈرۈمچى مائارىپ تورى» غا چىقىپ قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.
2-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 26-ئىيۇل باشلىنىدىكەن. 30-ئىيۇلدىن باشلاپ 3-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلىنىپ، كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشلىنىدىكەن. بارلىق قوبۇل قىلىش خىزمىتى 1-ئاۋغۇست ئاياغلىشىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىللىق تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە خەنزۇتىلىدا ئىمتىھان بېرىپ 700 نومۇردىن يۇقىرى ئالغانلارنىڭ سانى 1328، 600 نومۇردىن يۇقىرى ئالغانلارنىڭ سانى 8379 ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر