باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو ياشلار ئويما رەسىم كۆرگەزمىسى باشلاندى

2017.07.25 14:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىدىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان جۇڭگو ياشلار ئويما رەسىم كۆرگەزمىسى 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئۈرۈمچى ‹‹1 – ئىيۇل رەستىسى››دىكى شىنجاڭ ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلاندى. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى 147 داڭلىق سەنئەتكارنىڭ 281 پارچە ئەسىرى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلدى.

  بۇ كۆرگەزمە ئېلىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر سانى ئەڭ كۆپ ئويما رەسىم كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسەرلەر 800 نەچچە ئىجادىيەتچىنىڭ 10 مىڭ پارچە ئەسىرى ئىچىدىن تاللانغان بولۇپ، ئىجادىيەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى نامايان قىلىندى. كۆرگەزمىگە يەنە پولشا، ئالبانىيە، چىلى، كانادا، ھىندىستان، سېربىيە، بېلگىيە، بۇلغارىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 13 رەسسامنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىمۇ قاتناشتۇرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر