باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىمالىي شىنجاڭدا ھاۋا يەنىلا ئىسسىق بولىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا يامغۇر ياغىدۇ

2017.07.25 14:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە شىنجاڭ بىر يىلدىكى ئەڭ ئىسسىق مەزگىلگە قەدەم قويدى، بۇ مەزگىل 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى ئەڭ ئىسسىق مەۋسۇمدۇر. يېقىنقى بىر قانچە كۈندە گەرچە جەنۇبىي شىنجاڭدا يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەپ، ھاۋا يەنە ئىسسىدى.

  مۇخبىرىمىزنىڭ 24-ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 24-ئىيۇل كۈندۈزدىن كېچىگىچە، بورتالا، تارباغاتاي، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى، ئاقسۇ، بايىنغۇلىن قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر، خوتەن، بايىنغۇلىننىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بايىنغۇلىننىڭ جەنۇبى، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقى، قومۇل ۋە شىمالىي شىنجاڭنى بويلىغان تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى رايونلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 2017-يىلى 21-ئىيۇل سائەت 16:00 دە تارقاتقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر