باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ‹‹ئون تۈرلۈك تەلەپ››نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2017.07.25 14:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 8–قېتىملىق ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئاچتى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 7 – ئاينىڭ 24 – كۈنى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە 8 – قېتىملىق ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھۆكۈمەت سىستېمىلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بىر باش نىشان››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئىككى بەنزە›› خىزمەت مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنى سىجىل مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاپ، مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دەسلەپكى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش يولىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى، كادىرلار ئىستىلى ياخشىلاندى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ جاپالىق ئەجرى سىڭگەن.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئالاھىدە خىرىس ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز زۆرۈر: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش›› ۋەزىيىتى تۈپتىن ئۆزگەرگىنى يوق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولماقتا؛ بەزى جايلار ۋە تارماقلار ئىقتىساد خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەنە كۈچ سەرپ قىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ تەرەققىياتنى تۇتۇشتەك ياخشى مېخانىزملىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىدە نامايان قىلىشى كېرەك؛ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي كۆزلىمە نىشاننى ئورۇنداشتا يەنە مۇئەييەن پەرق بار، بولۇپمۇ 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنلىك تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، %50تىن ئاشۇرۇش نىشان – ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتا يەنىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل؛ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ‹‹تۆت ئاڭ›› نى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىكى كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ‹‹ئون تۈرلۈك تەلەپ›› بويىچە، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بىرىنچى، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ سەرپ قىلىش؛ ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش؛ ئۈچىنچى، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىشقا كۈچ سەرپ قىلىش؛ تۆتىنچى، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە كەسىپلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ سەرپ قىلىش؛ بەشىنچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىش؛ ئالتىنچى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىش؛ يەتتىنچى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش؛ سەككىزىنچى، ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىش›› ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچ سەرپ قىلىش؛ توققۇزىنچى، مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداشقا كۈچ سەرپ قىلىش؛ ئونىنچى، ‹‹ئالتىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك›› ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قەتئىي سادىق بولۇپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا ئالغا ئىلگىرىلىشى، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىجتىھات بىلەن تىرىشىپ ياخشى روھىي ھالەت، ئىناق ئىجتىمائىي كەيپىيات، ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قوماندانى پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىدىكى مەسئۇل يولداشلار 2017 – يىللىق ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە شۆبە يىغىن مەيدانىدا ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر