باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جايلاردا 2- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

ئاپتونوم رايون بويىچە 4 مىليون 270مىڭ ئادەم سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى تاماملىدى

2017.07.25 14:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ھەممىسىدە 7- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، 4 مىليون 269 مىڭ 200 ئادەم سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشنى تاماملىغان، تەكشۈرتۈشنى تاماملاش نىسبىتى %22.88كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا سالامەتلىك تەكشۈرتكەنلەر 3 مىليون 200 مىڭدىن ئېشىپ، تەكشۈرتۈشنى تاماملاش نىسبىتى %34.42كە يەتكەن.

  2- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان مۇلازىمەت تۈرلىرى ۋە ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سالامەتلىكنى مەركەزلىك تەكشۈرتۈش بىلەن ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندى ھەم تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى؛ سانجى شەھىرى ئەسلىدە بار بولغان نۇقتىلىق داۋالاش ئورۇنلىرىدىن سىرت، پۈتۈن شەھەردىكى سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە پۇقراۋى داۋالاش ئاپپاراتىدىن 387 نى قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن ناھىيە، شەھەرلەر ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىدىن ۋە ئۆزى مەبلەغ تەييارلاش شەكلىدىن پايدىلىنىپ، يېزا- بازارلىق شىپاخانىلاردا سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى قۇردى ھەم ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىدى. يېڭىسار ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسى تۈر ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى يۈ گاڭچېڭ: بۇ يىل يېڭىسار ناھىيەسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا- بازار شىپاخانىسى سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىدىن 13 نى قۇردى، مۆلچەرىمىزچە بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، دېدى. قۇتۇبى ناھىيەسى ئۆزى مەبلەغ تەييارلاش شەكلى ئارقىلىق ئەسلىھەلەر بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 12 مىليون 750 مىڭ يۈەنگە سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن 63 نى سېتىۋېلىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنىڭ تولۇق، پارامېتىرىنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر 9- ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 2- ئايغىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مەبلىغىدىن تەخمىنەن 1 مىليارد 499 مىليون يۈەن ئاجراتقان، 17 مىليون 850 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. مۇشۇ ئاساستا 2- قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە 1 مىليارد 785 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 21 مىليون ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى پىلانلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى كۆچمە ئاھالە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قان ئازلىق كېسىلى بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىغان گېموگلوبىن تەكشۈرۈشى قوشۇلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر