باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى

تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر ئېلى

2017.07.25 14:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشتى» قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ، بىز ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى ئۈزۈل- كېسىل تۈگىتىشىمىز كېرەك.

  مەن پىچان ناھىيەسىدە بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى بىلەن رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم، مەن چىن قەلبىمدىن پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

  ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى كېرەك. ھەر بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر سەگەك بولۇپ، ئۇيغۇر ئاممىنى پارتىيەنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش، جەزمەن پارتىيەنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئادىمىيلىكنى يوقىتىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى. دۈشمەن كۈچلەر نىيىتىنى بۇزۇپ، قەبىھ ۋاسىتە قوللىنىپ، بىگۇناھ ئاممىنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈردى، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇردى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىز ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداش جەزمەن كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەقىقىي ئەپت- بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ، ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك، ئۇلار ھەرگىزمۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، دوستىمىز ئەمەس، بەلكى سېپى ئۆزىدىن بالايىئاپەت. بىز باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

  ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى كىشىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ، چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ھەر بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر سەگەك بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن «قاپقاقنى ئېچىپ، پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولنى قېزىپ چىقىپ» سىياسىي- قانۇن ئورگانلىرىغا ماسلىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇناپىقلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تارتىپ چىقىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە «ئۈچ خىل كۈچ»نى ئۇر- ئۇرغا قالدۇرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى كېرەك. ھەر بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ئۈلگىلەردىن بولۇشى؛ قېرىنداشتەك ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئەتراپىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تىپىك ئىش- پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، تەسىرلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بەختلىك، خۇشال بىللە ياشايدىغان قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر