باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلاندى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ GDPسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.2% ئاشتى

تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى

2017.07.25 14:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 7- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنقى يېرىم يىلدا رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 436 مىليارد 298 مىليون يۈەنگە يەتكۈزگەن، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىدىن 0.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2015- يىلىدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرغان.

  كەسىپلەر ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 33 مىليارد 387 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %5.5 ئاشقان؛ 2- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 169 مىليارد 254 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %6.2 ئاشقان؛ 3- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 233 مىليارد 657 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %8.4 ئاشقان. تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، 1- كەسىپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %6.4، 2- كەسىپنىڭ %34.3، 3- كەسىپنىڭ %59.3 بولغان.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايون تۇراقلىق مۈلۈككە(دېھقان ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 453 مىليارد 47 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.6 ئاشۇرغان، ئېشىش سۈرئىتى 1- پەسىلدىكىدىن 11.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 16 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ يۆ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بۇ يىلدىن بۇيانقى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلىنىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى داۋاملىق ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ياخشى، مال باھاسى مۇقىم بولدى، تۈرلۈك ئىشلار پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن يىللىق كۆزلىمە نىشاننى تاماملاشقا ياخشى ئاساس سېلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر