باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل تولۇق كۇرسقا 1- تۈركۈمدە 22 مىڭ 458 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

2017.07.21 14:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق كۇرسقا 1- تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىۋاتقان مەيداننى ئوقۇغۇچىلار، ئاتا- ئانىلار ۋەكىللىرىگە ئېچىۋەتتى، 60 كە يېقىن ۋەكىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى كۆردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى باشلانغاندىن بۇيان، 7- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6گىچە تولۇق كۇرسقا 0- تۈركۈمدە ۋە نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى بويىچە 11 مىڭ 918 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان. ئاپتونوم رايون ئىچى- سىرتىدىكى 246 ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسقا 1- تۈركۈمدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن 22 مىڭ 458 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

  ئۇقۇشىمچە، تولۇق كۇرسقا 1- تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 7- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6دىن باشلاپ تولۇق كۇرسقا 2- تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلىنىدىكەن. شۇنداقلا، تولۇق كۇرسقا 0- تۈركۈمدە، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش- يۆلەش پىلانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدىن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كۆرسە ۋە قايتا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6دە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر