باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي يوقىتايلى

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى نىياز ھاشىم

2017.07.21 14:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىدىغانلار ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ئەتراپىمىزدا ئۇزاق مۇددەت يۇشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ كۆز بويامچىلىق «ماھارىتى»نىڭ يۇقىرىلىقىنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىدىيەۋى، سىياسىي ساھەدىكى كۈرەشنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيەۋى ساپايىمىزنى، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  غايە ۋە ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشتە باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك. ھازىر كۈچنى باش نىشانغا مۇجەسسەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى ئېتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بىز پارتىيەۋىلىك ئىرادىمىزنى چېنىقتۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قەلبىمىزدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە باش نىشاننى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، باش نىشانغا يېتىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، باش نىشانغا يېتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۆزىمىزنى بېغىشلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە نىزامنامىسىغا ئەمەل قىلىشتا باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك. «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز لازىم، ئىچى- تېشىمىز بىردەك بولۇشى، پوزىتسىيەرىمىز قەتئىي، قەدىمىمىز بىردەك بولۇشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەنى سۆيۈشى ۋە پارتىيە ئۈچۈن ئىشلىشى، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، بارلىقىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا بېغىشلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق بويسۇنۇپ، ئۆز مىللىتىدىن بولغان پارتىيەلىك كادىرلارنى دائىم ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشى، ئۇلارغا تەلەپ قويۇشى، ئىنتىزامنى تەكىتلەش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، ئەتراپتىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قەتئىي مادارىچىلىق قىلماسلىقى، يول قويماسلىقى، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سەپسەتىسىگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشى، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلىدىغان تۇپراقنى قەتئىي يوقۇتىشى، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  مىننەتدارلىقنى بىلىش، مىننەتدار بولۇشتا باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلگەن شانلىق نەتىجىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇق قىلغانلىقى، قوللىغانلىقىدىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىدىن، سانسىزلىغان مۇنەۋۋەر ئوغۇل- قىزلارنىڭ ئۆمرىنى، ھەتتا ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنىنى تەغدىم قىلغانلىقىدىن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ياساپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن كەلگەن. «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلىدىغانلار ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر تارىخنى بۇرمىلاپ، تار مىللەتچىلىكنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، بىر قىسىم كىشىلەرنى خاتا يولغا باشلىدى. مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى، يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۈگۈنكى ياخشى تۇرمۇشىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەنلىكىنى بايرىقىم روشەن ھالدا ئاممىغا چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەردانىلىق بىلەن مەدھىيەلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى خىزمەتتىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەتئىي قوغدايمەن.

  راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ناچار ئىستىلنى تۈزىتىشنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىشتا باشلامچى بولۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تەدبىرلىرىنى قاتتىق سىناقلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان پۇختا ئىستىل بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر