باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا كەلگۈسىدە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدە ھەر بەش نەپەر دوختۇر ئىچىدە بىرى جۇڭيى دوختۇرى بولىدۇ

2017.07.20 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:«13- بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام جۇڭگو تېبابىتى مىللىي تېبابەت دورىلىرى ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەممە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە %90 يېزا-بازار شىپاخانىلىرىدىكى جۇڭگو تېبابىتىدىن ئىبارەت مىللىي تېبابەت دوختۇرلىرى ئوخشاش تۈردىكى ئاپپاراتلاردىكى دوختۇرلارنىڭ ئومۇمىي سان نىسبىتىنىڭ ٪20تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەش نىشانىغا يىتىشكە تىرىشىدىكەن، بۇمۇ، كەلگۈسىدە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدە ھەر بەش نەپەر دوختۇر ئىچىدە بىرى جۇڭيى دوختۇرى بولۇشتىن دېرەك بېرىدىكەن.

  تۈنۈگۈن، «ئاپتونوم رايونلۇق ئاساسى قاتلام جۇڭگو تېبابىتى مىللىي دورىگەرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىلانى ۋە جۇڭيى تېبابىتى بويىچە مىللىي دوختۇر ۋە داڭلىق دوختۇرلارنى تەقدىرلەش يىغىنى»دا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر يىن يۈلىن، ئاپتونوم رايوننىڭ «12- بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى ئاساسى قاتلام جۇڭگو تېبابىتى مىللىي دورىگەرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ھەمدە «13- بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ھەرىكەت پىلانىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر