خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى قوشئېرىق كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يازلىق تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتقان 60دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تەشكىللەپ، كەنت كومتېتىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.
كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ھامۇت ئابلىز يازلىق تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە كۆپلەپ قاتنىشىشىغا ئېلھام بەردى ھەمدە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىزمەت ئەترەت باشلىقى ئەكبەر سىدىق سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن ئورمانچىلىق مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ باققان، شۇڭا بالىلارغا بەك ئامراق، سىلەر ھازىرقىدەك ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە يۇرتقا قايتىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ بىلىمى ئارقىلىق يۇرتنىڭ ئىقتىسادىي، ئجتىمائىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ چىقىڭلار».
ئىتتىپاق كومتېتىنىڭ شۇجىسى ئاتىكەم تۇرسۇن: كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسى كۆپچىلىكنىڭ ئىللىق ئائىلىسى، چوقۇم كۆپچىلىك رازى بولغىدەك مۇلازىمەت قىلىمىز، كۆپچىلىكنىڭ ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە كىرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، دېدى.
ئىستۇدېنتلار ۋەكىلى ساھىرە يۈسۈپ مۇنداق دېدى: مەن مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيەگە چىن دىلىمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن ھەم پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلۈك سىياسىتىنى يۇرتداشلىرىمغا پائال تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئتتىپاقلىقىنى جان تىكىپ قوغدايمەن.
سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە كىرىشنى ھەمدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ چاقىرىقىنى ھەر ۋاقىت ئاڭلاپ، كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە يېتەكلىشى ئاستىدا تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، يۇرتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئايكۆل بازار قوشئېرىق كەنتتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن يۈ يەنلىن، ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى