باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

سىياسىيغا، ئىنتىزامغا، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىشنى خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك

2017.06.16 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن 2017- يىللىق 11- قېتىملىق(كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار مۇھىم ھۆججەتلىرىنى يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى ۋە ئورگاندىكى ھەر بىر پارتىيەلىك كادىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى باشتىن- ئاخىر كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى باشتىن- ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. سەلبىي تىپلاردىن ئەستايىدىل ساۋاق ئېلىپ، تەشكىلىي تەرتىپكە رىئايە قىلىپ، سىياسىيغا، ئىنتىزامغا ئەھمىيەت بېرىش، قائىدىگە ئەمەل قىلىشنى ھەر ۋاقىت كۈندىلىك خىزمەت، تۇرمۇش ۋە پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئېڭىنى باشتىن- ئاخىر مۇستەھكەم تىكلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ قاراپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئىنتىزامىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مېڭىنى ئىزچىل سەگەك تۇتۇپ، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئورگان پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگاندىكى پارتىيە ياچېيكىلىرى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىنى ياخشى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، سېلىشتۇرۇپ ۋە ئانالىز قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز بايقاش، ھەل قىلىش داۋامىدا ئورگاننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، چېڭ جېنشەن، كادىرقان مىراسقان، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، باش كاتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خەن جۈن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر