- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايوننىڭ 2- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى جايلاردا كەينى- كەينىدىن باشلاندى
شىنجاڭلىق كۆچمە خادىملار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى
2017.06.16 15:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
يېقىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى جايلاردا كەينى- كەينىدىن باشلانغان، ھازىر خوتەن ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى قاتارلىق جايلار سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى باشلىغان.
2- قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە 1 مىليارد 785 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 21 مىليون كىشىنىڭ نەپكە ئېرىشىشى مۆلچەرلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىق كۆچمە خادىملار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.
بۇلتۇرقى تەكشۈرتۈش تۈرلىرى ئاساسىدا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش تۈرىگە قىزىل قان ئاقسىلىنى تەكشۈرۈش قوشۇلدى.
خوتەن ۋىلايىتى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، خېلى كۆپ تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى قوشتى. خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە بۆلۈمىنىڭ خادىمى جۇ مېيلىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل نىكاھلىق بولغان، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى بويىچە تەكشۈرتۈش، كۆكرەكنى رېنتىگېندە تەكشۈرتۈش تۈرلىرىنى قوشتۇق، 65 ياشتىن ئاشقان شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىدىكى گۇمانىي كېسەللىكلەرنى تاللاپ تەكشۈرتۈش پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.
لوپ ناھىيەسىنىڭ 2017- يىللىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى ئاللىبۇرۇن باشلاندى. بۇ ناھىيەدىكى 33 ياشلىق دېھقان تۇرسۇنتوختى توختىروزىنىڭ بۇلتۇر سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە جىگەر قاپلىق قۇرت كېسىلى بارلىقى ئېنىقلانغانىدى، كېسەلنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالانغانلىقتىن، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۇرسۇنتوختى توختىروزى ھازىر دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپلا قالماي، يەنە كەنتنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىشلىيەلەيدىغان بولدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: 2- قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى باشلانغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خۇش بولدۇم. كېيىن يەنە تەكشۈرتىمەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بۇلتۇر 9- ئايدىن باشلاپ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان بولۇپ، شىنجاڭلىق شەھەر- يېزا ئاھالىسى ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولىدىكەن. 2017- يىلى 2- ئايغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە جەمئىي 1 مىلياد 499 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 17 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق كىشى (بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن 9 مىليون 176 مىڭ 100 كىشى، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن 8 مىليون 323 مىڭ 900 كىشى)نىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرتۈلۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش نىسبىتى %100كە يېتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان. مۇشۇ ئاساستا، بۇ يىل يەنە شىنجاڭدىكى يەرلىك كېسەللىكلەر تىزىملىكىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن ھەم «ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى دائىملىشىشقا قەدەم قويىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر