باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى- غۇلجا- قاناس-ئۈرۈمچى ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىدە 15- ئىيۇن قاتناش باشلاندى

2017.06.16 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- ئىيۇن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى ئۈرۈمچى- غۇلجا- قاناس-ئۈرۈمچى ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىدە CZ6621、CZ6622 تىپلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ قاتنىشى رەسمىي باشلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى ـ قاناس، ئۈرۈمچى - غۇلجىغىچە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، ياز پەسىلدە شىنجاڭدا ساياھەت قىلغان يولۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش تۈرى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالتاي ئايرودۇرۇمى 5- ئايدىن 9- ئايغىچە ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، نۆۋەتتە ئالتايغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. شىنجاڭ ساياھەت پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، مەزكۇر رايونغا بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى بىلەن، كىشىلەرنىڭ بۇ يەر بىلەن قوشنا بولغان قاناس ئايرودۇرۇمىنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئاشماقتا. بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۆتكەن يىللاردىكى مۇددىتىدىن بۇرۇنلا ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىنى ئاچقان. مەزكۇر نۆۋەتلىك ئايروپىلان كۈنىگە بىر قېتىم قاتنايدىكەن، ھەمدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى بوئېن 737 تىپلىق ئايروپىلانلار ئىجرا قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر