باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر ئاممىنى ئىشىك تۈۋىدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى

2017.06.14 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇقىم مۈلۈككە بىر تىرىليون 500 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدى، ھازىر زور تۈركۈم قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلاندى. يەرلىكتىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەلىپى بويىچە، تۇراقلىق مۈلۈك تۈرلىرىگە كېرەكلىك ئومۇمىي ئىشچىنىڭ %70 تى،ئادەتتىكى ئىشچىنىڭ %90 تى شىنجاڭلىق ئەمگەك كۈچىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  7-ئىيۇن مۇخبىر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ۋۇخاۋچۆ يېزىسى ئالۇنچۆ كەنتىدە ئون نەچچە كەنت ئاھالىسىنىڭ ئويۇن قويۇش سەھنىسىگە ئالدىراشلىق بىلەن قىش ياتقۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. يېزا باشلىقى تيەن يامىڭ مۇنداق دېدى: بۇ گۈزەل يېزا قۇرۇش تۈرىدىكى بىر ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى، بۇ يەردىكى ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى كەنت ئاھالىلىرى.

  كەنت ئاھالىسى ئەخمەتخان ئابلىز مۇنداق دېدى: ئون مو يەرگە مۇچ تېرىدىم، ئىككى پەرزەنتىم سىرتتا ئوقۇيدۇ، ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىم بولغانلىقتىن يىراق يەرگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلالمىدىم. ھازىر كەنتىمىزنىڭ گۈزەل يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشچى ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن، مەن تەربىيەلەنگەندىن كېيىن بۇ يەردە ئىشلەۋاتىمەن. ئۆيۈم بىلەن ئىش ئورنۇمنىڭ ئارىلىقى يېقىن، ھەم پۇل تاپالايمەن ھەم ئۆي ئىشلىرىغا قارالايمەن. تېخىمۇ مۇھىمى ئۆز كەنتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى بولغانلىقتىن كەنت ئاھالىلىرى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىمەكتە، بىز يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

  يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى يۈەن جيە مۇنداق دېدى: بۇ يىل ناھىيەمىزنىڭ 130 تۇراقلىق مۈلۈك تۈرىدە ئىش باشلاندى.بۇنىڭغا 24 مىڭ 323 ئادەم قېتىم ئەمگەكچى كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىق ئەمگەك كۈچى 20 مىڭ 835 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %85.66 نى ئىگىلەيدۇ، ئادەتتىكى ئىش ئورۇنلىرىدىكى شىنجاڭلىق ئىشچىلارنىڭ نىسبىتى %92.14 گە يەتتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلاشنىڭ تەلىپى قىلدۇق، تۈرگە مەسئۇل ئورۇنلار قۇرۇلۇشتا ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن ئىشچىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، كۆپلىگەن ئىش ئورۇنلىرىغا ئىمكان قەدەر يەرلىكتىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىشىك تۈۋىدە ئىش قىلىش، پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر