باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى بىرلىكتە قوغدايلى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى دىيار قۇماش

2017.06.06 15:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، شۇنداقلا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى، ھەر مىللەت ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، قېرىنداشتەك ئۆتىدىغان شەرەپلىك تارىخ ۋە ئەنئەنىگە ئىگە. مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈشى، بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەر بىر پۇقرانىڭ مەجبۇرىيىتى ھەم مەسئۇلىيىتى، تېخىمۇ مۇھىمى، زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بۇرچى. ھازىرقى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بىز پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، غايە، ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىردەك ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان پېشقەدەم كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىمەن. مەن 17 يېشىمدا خىزمەتكە قاتناشقان، 18 يېشىمدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان، 21 يېشىمدا شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىسەم، ئەڭ زور تەسىراتىم شۇكى، ھايات سەپىرىمدە ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، غەمخورلۇقى ۋە يېتەكلىشىدىن ئايرىلمىدىم، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش مېنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئۆلچىمىم بولدى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەر ۋاقىت قەتئىي ھىمايە قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىم، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىم ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ئىرادەمنى بىلدۈرىمەن.

  − پارتىيەنىڭ سىياسەت، نەزەرىيەسىنىڭ قەتئىي ھىمايىچىسى بولىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ باش شۇجىنىڭ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقىم، سىياسىي ئاڭلىقلىقىم ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمنى ھەقىقىي كۈچەيتىمەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- قۇرۇلتىيى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى پولات سېپىلنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلىنى ھەقىقىي پەرۋىش قىلىپ پورەكلەپ ئېچىلدۇرىمەن.

  − مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى بولىمەن. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قېرىنداشلاردەك ئىتتىپاقلىشىپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك. كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنى ھەرىكەت مىزانىم قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئائىلەمدىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئەتراپىمدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن.

  − «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش باشلامچىلىرىدىن بولىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان زەھەرلىك ئۆسمە. بۇ زەھەرلىك ئۆسمە يوقىتىلمىسا شىنجاڭ مۇقىم بولمايدۇ، خەلق ئاممىسى خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ. مەن دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئومۇمىيىتىدە، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، يېتەكلەشكە ماھىر بولىمەن.

  − پارتىيەگە قەتئىي سادىق ئۈلگىلەردىن بولىمەن. پارتىيەگە داۋاملىق ئاڭلىق سادىق بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەل قىلىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىدىيەمنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ئېتىقادىمنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تونۇشىمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن- ئاخىر سەگەكلىكنى ساقلاپ، بايرىقىمنى ئىنتايىن روشەن، مەيدانىمنى ئىنتايىن مۇستەھكەم قىلىپ، ھەر ۋاقىت تونۇشى ئېنىق بولۇش، پوزىتسىيەسى قەتئىي بولۇش، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولۇش، قەدىمى بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەۋىلىككە، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىشنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكىتىمگە تەتبىقلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر