باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا 12 مىڭ 772 ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن

2017.06.05 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا 12 مىڭ 772 ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلانغان (باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يەسلىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بۇنىڭ سىرتىدا) بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېكىتى (http://www.xjrs.gov.cn/)گە چىقىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى ئىش ئورنى ۋە شەرت تەلەپلىرىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.

  3- ئىيۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە: بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئادەم قوبۇل قىلىشتىكى پىلان ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىن 209ى 3330 ئادەم قوبۇل قىلماقچى ئىكەن. ئادەم قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 73 نازارەت، ئىدارە، كومىتېت، ئىشخانا ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارغا چېتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يېغىنى ئارقىلىق 506 ئادەم قوبۇل قىلىدىكەن. قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ بۇ قىسمىدا، تىزىمغا ئالدۇرۇش، يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىش ۋە ئۇ يېزىقچە ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش دېگەندەك خىزمەتلەر تاماملانغان. يەنە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەردىن 9442 ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە تۇرپان شەھىرىدە تەكلىپ قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر