باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 14 بوكسچى مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ

2017.06.05 14:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 3- ئايدىن 5- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ قېتىملىق سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىن 14 بوكسچى بۇ يىل 8- ئايدا تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

  مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى سالاھىيەت مۇسابىقىسى ۋە 2017- يىللىق مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى (18 ياشتىن 22 ياشقىچە) 5- ئاينىڭ 21- كۈنى تيەنجىن شەھىرىدە ئاياغلاشقان، شىنجاڭ ئاياللار بوكس كوماندىسىدىكى تونۇق بۇركۈتباي مۇسابىقىدە مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، بۇ شىنجاڭ ئاياللار بوكس كوماندىسى ماھىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 14 بوكسچىنىڭ 13ى ئاپتونوم رايونىمىزغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن، بىر بوكسچى ئالماشتۇرۇش شەكلى بىلەن تيەنجىن كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

  شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئۈچ قېتىملىق تاللاش مۇسابىقىسىگە ئەرلەر كوماندىسى بويىچە 16 بوكسچىنى، ئاياللار كوماندىسى بويىچە ئۈچ بوكسچىنى قاتناشتۇرغان. بۇ قېتىملىق تاللاش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ئەۋزەللىككە ئىگە ئوتتۇرا، ئېغىر دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىدىن سىرت، يەنە 56 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر