باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گولمۇدتىن كورلىغا قاتنايدىغان تۆمۈر يولدا رېلىس ياتقۇزۇش باشلاندى

2017.06.01 15:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-ماي، گولمۇدتىن كورلىغا قاتنايدىغان تۆمۈر يولنىڭ باشلىنىش بېكىتى گولمۇد جەنۇبىي ۋوگزالىدا تۇنجى ئۇزۇن رېلىس ياتقۇزۇش باشلاندى، بۇ تۆمۈر يول پۈتۈن لىنىيەسىگە رېلىس ياتقۇزۇشنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولىنىڭ چىڭخەي بۆلىكىدە رەسمىي تىجارەت باشلىنىشىغا ئاساس سېلىپ بەردى.

  گولمۇد-كورلا تۆمۈر يولى شەرقتىن چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمۇد شەھىرىدىن باشلىنىپ، غەربتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كورلا شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1213.7 كىلومېتىر بولۇپ، 505.6 كىلومېتىر يول چىڭخەي ئۆلكىسى ئىچىدە. پۈتۈن لىنىيەدە گولمۇد جەنۇبىي ۋوگزالى، گەنسېن، چاقىلىق، كورلا شەرقىي ۋوگزالى قاتارلىق 86 بېكەت تەسىس قىلىنغان، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئېلېكتىرلەشتۈرۈلگەن تاق لىنىيەلىك تۆمۈر يول بولۇپ، سۈرئىتى سائىتىگە 120 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن.

  بۇ تۆمۈر يول پۈتكەندىن كېيىن، گولمۇدتىن كورلىغا بارىدىغان يول ئەسلىدىكى 26 سائەتتىن 12 سائەتكە قىسقىرايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرىش ئۈچۈن قومۇلنى ئايلىنىپ ماڭمىسىمۇ بولىدۇ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك چوڭ يول شەكىللىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گولمۇد تۆمۈر يولى ئېلىمىزنىڭ غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ۋە قارا دېڭىز رايونلىرىغا تۇتىشىدىغان قۇرۇقلۇق تىرانسپورت چوڭ يولى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونىنى، بولۇپمۇ چىڭخەي بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە، رايوننىڭ تۆمۈر يول تورى قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يول بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد-سودا باردى-كەلدىسى ۋە بايلىق ئېچىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر