- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، چېگرا ناھىيەلەردە تەخمىنەن 20 مىڭ كەنت مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلىدۇ
2017.06.01 15:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
25-ماي ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىز نامرات رايونلاردىكى مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، چېگرا ناھىيە، كەنتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن قاپلىنىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىدىكەن، ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، نامرات رايونلاردىكى مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، چېگرا ناھىيەلەردە تەخمىنەن 20 مىڭ كەنت مەدەنىيەت مەركىزى قۇرىدىكەن.
25-ماي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ 5-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، مەدەنىيەت مىنىستىرى لو شۇگاڭ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئىنتايىن چوڭ نەتىجىلەر قولغا كەلدى، بىراق سىستېما مۇكەممەل بولماسلىق، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، مۇلازىمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان مەدەنىيەت تەلىپى بىلەن بولغان ئارىلىقى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ، بۇنىڭدا ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىغا موھتاج.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر