باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نامراتلارنى دەل يۆلەشكە تۈرتكە بولدى

2017.06.01 15:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچە رايونىدا جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان بىر تۈركۈم كارخانىلار بار. شىنجاڭ مىنلوڭدا گۈلە قاق كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى سۈن لېي مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمىزگە يەتتە يىل بولدى، شىركىتىمىز شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىپ ئورۇنلاشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن شاڭخەي مىنلوڭ ئوقەتچىلىك شىركىتى 2010-يىلى شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشقاندا مەبلەغ سالغان شۆبە شىركىتى. كارخانىمىز چىلان، ياڭاقنى مەركىزىي مەھسۇلات قىلىپ، مۇشۇ جاينىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلاندى. كارخانا جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتقىنىغا يەتتە يىل بولدى، ھازىر كارخانىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 80 مىليون يۈەنگە يەتتى، يەرلىكتىكى 200 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  كەنت ئاھالىلىرى مائاش كىرىمىنى تۇرمۇشىنى قامداشنىڭ مەنبەسى قىلغان كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلاندى، بۇ كارخانا يەرلىككە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش. ئەلسۆيەرئىلى يۈسۈپ كەنت ئاھالىسىدىن كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلانغانلارنىڭ ۋەكىلى شۇنداقلا كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتىن نەپكە ئېرىشكۈچى. ئۇ قاغىلىق ناھىيەسى سانائەت باغچە رايونىدىكى بىر يورۇتۇش شىركىتىدە تۆت يىل خىزمەت قىلدى. ھازىر يىللىق كىرىمى تەخمىنەن 40 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ئۇ يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقتىن خىزمەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كېسەلچان ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. شىركەتتە بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 100 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي سالدى، بانكىدىن ئالغان قەرز پۇلىنى قايتۇردى، تۇرمۇشى ياخشىلاندى.

  2014-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلۈك كەسىپتىكى 117 تۈرنى كىرگۈزدى، شىنجاڭغا سېلىنغان مەبلەغ 7 مىليارد 360 مىليون يۈەنگە يەتتى، 20 مىڭدىن كۆپرەك كىشى بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ بىلەن كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى دەل يۆلەشكە تۈرتكە بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر