باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قەتئىي باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى زۇنۇن كېرىم

2017.04.26 15:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللادىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ، يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئامما «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا زوراۋان - تېررورچى دېگەن بەلگىنى چاپلاپ قويغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە، ھالقىلىق مەزگىلدە يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

  ئۇزاق يىل پارتىيە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زوراۋان - تېررورچىلار ئېلىپ كەلگەن زىياننى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش بىۋاسىتە ھېس قىلدىم، مېنىڭ ھەر مىللەت خەلققە بولغان مۇھەببىتىم چىن ھەم چوڭقۇر. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز. زوراۋان - تېررورچىلارغا قارشى كۈرەشتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى نەمۇنىچىلاردىن، باشلامچىلاردىن بولۇشىمىز، نىشان خادىسىنى ياخشى تىكلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تەجرىبە - ساۋاقلىرى چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. قىسمەن ئۇيغۇر كادىرلار «ئۈچ خىل كۈچ» قاتارلىق چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە پوزىتسىيەسى مۈجمەل، مەيدانى تۇراقسىز بولۇپ، سۈكۈت قىلىپ، پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى، بۇ، مەلۇم دەرىجىدە زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ قۇتراپ كېتىشى، خورىكىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر دۆلەتنى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مىللەت ۋە دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈردى ۋە ئۇلارنى قايمۇقتۇردى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى مۇناپىقلار بىلەن بىللە، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەپ، شىنجاڭغا ھاقارەت كەلتۈردى. ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارىم ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، قەتئىي مۇرەسسە قىلماي، يول قويماي، باشتىن - ئاخىر بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت. بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بولمىسا، ھەر مىللەت خەلق ئىناق ئۆتمىسە، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ بىز ئۇيغۇر كادىرلار، ئامما بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، زىياننى تونۇپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۆز مىللىتىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى تەربىيەلىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز، زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە قارشى ھەقىقىي ئەپت - بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا چاپلاپ قويغان ھاقارەتلىك بەلگىسىنى ئېلىپ تاشلىشىمىز كېرەك. زوراۋان - تېررورچىلارغا ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلماي، قىلچە رەھىمدىللىك قىلماي قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشىمىز كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى خاس ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولۇپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىلىمىز بىلەن تىلىمىزنى بىردەك قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مايىل قىلىپ، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر