خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى) كۇچا ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىسى ناھىيەنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدا جەميئەت مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا قانۇن ئۆگىنىش ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يېقىندا كىتاب سوۋغا قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 154 مىڭ 800 يۈەن قىممىتىدىكى تۈرى 30دىن ئاشىدىغان قانۇن ئوقۇشلۇقى ۋە تۈرلۈك ژانېردىكى 3870 پارچە كىتابنى سوۋغا قىلىپ، خەلق ساقچىلىرىغا بولغان مىنەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى