باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بىر سەپتە تۇرايلى

2017.04.18 15:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەيدان مەسىلىسى نېگىزلىك، پىرىنسىپال مەسىلە. ھازىر قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش باسقۇچىغا كىردى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ھايات-ماماتلىق بۇ كۈرەشتە جەزمەن مەيدانى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەسى قەتئىي بولۇپ، قەتئىي «ئىككى يۈزلىمىچى»لەردىن بولماي، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن بولغان چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەك.

  تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، قانچىكى ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەشكە دۇچ كەلگەنسېرى، كاللىمىز شۇنچە سەگەك، مەيدانىمىز شۇنچە مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كەسكىن كۈرەشتە، پەقەت مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش پولات ئىستىھكامى ۋە سېپىلىنى مۇستەھكەملىگەندىلا، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل، ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك، خاتىرجەم بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شىنجاڭدا كادىرلارغا باھا بېرىشتە، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىگە قاراش كېرەك». شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش − شىنجاڭدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدانىنى سىنايدىغان چوڭ سىناق. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئىپادىسىنىڭ قانداق بولۇشى − پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدىغان «سىنتاش». شىنجاڭدا «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى ئېلان قىلغان كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندەك ياخشى كادىرلار ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىرلىككە كەلگەن، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك، پوزىتسىيەسى قەتئىي، قەدىمى ماس، ئۇلار ھالقىلىق پەيتتە قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ. ھازىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئېتىقادتا قەتئىي تەۋرەنمەي، سىياسىي يۆنىلىشتىن قەتئىي ئېغىشماي، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە پوزىتسىيەسى باشتىن-ئاخىر ئېنىق، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بايرىقى روشەن بولۇشى، قەتئىي ئېغىشماسلىقى؛ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭ تارتىپ، خىزمەتلەرنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئۆمۈر بويى پارتىيەگە ئەگىشىپ، ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇل بولۇش، تۆھپە قوشۇش، قۇربان بېرىش روھى بىلەن تاغۇ-دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ يول ئېچىپ، قىيىنچىلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىش، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىليونلىغان ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، ئۇلار دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھېچ نەرسە ئورنىنى ئالالمايدىغان رولغا ئىگە. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلغان، قوللايدىغان، ئىشىنىدىغان، زور ئەجىر سىڭدۈرۈپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن قانۇنلۇق دىنىي خادىم، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىشتا ئوخشاشلا قىلچە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. شۇڭا، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلىشى؛ تېخىمۇ مۇھىمى، ھالقىلىق پەيتتە قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك پىتنە-ئىغۋا ۋە سەپسەتىلەرگە مەردانىلىك بىلەن رەددىيە بېرىپ، ۋەز ئېيتىش ۋە تەپسىر قىلىش پائالىيىتىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، تىنچلىق، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ياخشىلىق قىلىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تەرغىب قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق روھىنى دەپسەندە قىلىدىغانلىقى، ئىسلام دىنى ئەقىدىسىگە بىھۆرمەتلىك قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇتۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا، دۇرۇس ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئەسەبىيلىكنى ئاڭلىق چەكلەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى بايقۇت قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم، مۇقىملىق بولمىسا، كارخانىلار نورمال تىجارەت قىلالمايدۇ ۋە تەرەققىي قىلالمايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن-ئاخىر تەۋرەنمەي مەدەت بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، يېتەكلەپ، كارخانىلارغا ياخشى تەرەققىيات بوشلۇقى ھازىرلاپ بەردى. شۇڭا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىشى، ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئەدەپلىك، سەمىمىي بولۇشنى باشتىن-ئاخىر ئادىمىيلىك مىزانى قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇناسىۋەتسىز رايون، ئورۇن، كىشى بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، كىرىزىس تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. بۇ، ۋىجدانلىق، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار كارخانىچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.

  «مەردنى مەيداندا سىنا، ئالتۇننى ئوتتا». مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ھەربىرىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن مەيدانى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەسى قەتئىي بولۇپ، قەتئىي «ئىككى يۈزلىمىچى» بولماي، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىشى كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچى بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىدىغانلا بولسا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر