باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى

2017.04.11 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئوبۇل خەۋىرى) ئونسۇ ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يېقىندىن بۇيان يېزا – بازارلارغا بېرىپ، كۆپ خىل شەكىلدە يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 3 – كۈنىگىچە ئونسۇ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئىدارە- ئورۇنلار بىرلىكتە كۈچ تەشكىللەپ يېزا-بازارلارغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا بازارلىرىنى تەكشۈرگەن ھەمدە يېزا – بازارلارنىڭ يېزا ئىگىلىك خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلىرى، دېھقانلار ۋەكىللىرى ۋە يېزا-بازارلاردىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تىجارەتچىلىرىنى تەشكىللەپ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ساختا، ناچار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىغا بىرلىكتە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە، تەشۋىقات ئېلىپ بارغان، تەجرىبە ئالماشتۇرغان. دېھقانلارغا 5000 ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق ساختا، سۈپەتسىز يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى پەرق ئېتىش توغرىسدا چۈشەنچە بېرىپ، ئاممىنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنى ئۆستۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان 63 نەپەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تىجارەتچىلىرى 259 مىڭ 506 يۈەن قىممىتىدىكى 7550 كىلوگىرام خىمىيەۋى ئوغۇت، 16 توننا ئۇرېيا، 49.14 توننا ئورگانىك ئۇغۇت، 11 يەشىك دېھقانچىلىق دورىسى، 37 كىلوگىرام سۇلياۋ يۇپۇق، 420 كىلوگىرام ئۇرۇق قاتارلىق ماددىي ئەشىيالارنى يېزا، بازارلاردىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا قىينىلىپ قالغان دېھقانلارغا ئىئانە قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر