باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ كەلگۈسى نەچچە يىلدا «ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش» سالمىقىنى زورايتىدۇ

2017.03.30 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  29-مارت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىختىساسلىقلاردا كۈچلۈك رايون» ئىستراتېگىيەسىنى «شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش»تىكى كۈچلۈك تىرەك قىلغان شىنجاڭ كەلگۈسى نەچچە يىلدا “ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش» سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى مائاش، يېشىل يول ئېچىش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى كۆپ قاتلام، كۆپ ساھەلەردىن كەم بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلار ۋە تايانچ ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدۇ.

  كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، شىنجاڭ چەتئەللەردىن يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىرىدىن 100نى كىرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى قاتلىمى جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساس ئىگىسىنى كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويىدۇ، تۆت يىل ئىچىدە تۈر مەبلىغىگە تۈرتكە بولىدىغان، ھالقىلىق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، يېڭىدىن گۈللەنگەن پەنلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان 600 ئالىم ۋە پەن-تېخنىكا ئىختىساس ئىگىسىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر