باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى قارارلىق ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات تايانچلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ۋەيران قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز

2017.03.29 15:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە تۇنجى قارارلىق ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات تايانچلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۇرسانتلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۇرسانتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئېيتتى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ۋەيران قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.

  ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ھەر خىل يوللار ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، كىشىلەر قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدىغان تېما بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى قارارلىق ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات تايانچلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلەش كۇرسىدا، كۇرسانتلار ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى قايتا - قايتا ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»تا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان «مىننەتدارلىق كۈيى»، ۋەتەن ۋە خەلققە بولغان «ساداقەتمەنلىك كۈيى»، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى «ھەققانىيەت كۈيى» ياڭرىتىلىپ، بارلىق ئۇيغۇر پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى تەشەببۇس قىلىنغان. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىنى ئېنىق ئايرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.

  ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن كۇرستا ئۆزىنىڭ تەسىراتى ۋە ھېس قىلغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۇرسانتلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن كۇرسانتلارغا مۇنداق دېدى: ھەممىمىز پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئەتراپىمىزدا بارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىمىز، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى تاتلىق بۇلاق سۈيىدەك بىز پۇقرالارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ياخشى كۈندە، يەنىلا ئىنتايىن ئاز ساندىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەر دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، ساددا ئاممىنى ۋەقە تۇغدۇرۇشقا ئازدۇرۇپ ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىزنى تەسىرگە ئۇچرىتىۋاتىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈشىمىزنى خالىمايدۇ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

  ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇنداق ۋاقىتتا، بىز −− ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ۋە ئامما باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتەلەيمىز.

  تەربىيەلەشكە قاتناشقان قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ تەشۋىقاتچىسى ئىباقىز مەمەت مۇنداق دېدى: ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى ئۆگىنىپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. ئۇ بىزنىڭ يۈرەك سۆزىمىزنى ئېيتىپتۇ. بىز −− ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ۋە ئامما تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى ھەرگىز خالىمايمىز، ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەرقانداق باھانە - سەۋەبلەر بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. بىز −− ھەر بىر ئۇيغۇر كادىر ۋە ئامما ئىدىيەۋى تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر