باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بايرىقىمىز روشەن ھالدا كۈرەش قىلىمىز

2017.03.29 15:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان كېرىيەدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق دېيىشتى: ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بايرىقىمىز روشەن ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.

  جاي يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەتتۇردى غۇجا مۇنداق دېدى: ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى شۇكى، ئۇ خىزمەتتە چاقماقتەك چاققان بولۇپ، مەسىلىلەرنى تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر. ئۇ يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى بىر - بىرلەپ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ. ئۇ دائىم بىزگە مۇنداق دەيدۇ: ھازىر پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلىرى ناھايىتى كۆپ، كەنت ئاھالىلىرىگە جەزمەن پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى بىلدۈرۈشىمىز، ھېس قىلدۇرۇشىمىز ھەم ئۇلارنى پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن ئىشلەۋاتقىنىمغا بىر يىل بولمىدى، ئۇنىڭ قەتئىي سىياسىي مەيدانى، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەشتە، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىزنىڭ باشلامچىمىز بولدى! «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» مېنىڭ ھازىرقى ئۆگىنىش، لېكسىيەيىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى ئاممىنى پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى بىلىش ۋە ھېس قىلىشقا يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئۈستۈمگە ئېلىپ، ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايمەن.

  توغراغاز يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئابدۇغەنى ئابلا مۇنداق دېدى: مەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن توغراغاز يېزىسىدا 15 يىل بىللە ئىشلىدىم. ئۇ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، دائىم مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولاتتى. يېزىمىز ئىلگىرى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنىغا بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان يېزا (بازار)لارنىڭ بىرى ئىدى، يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، كەنت ئاھالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇقىملىقنى قوغداش پولات ئىستىھكامى بولغاچقا، بۇزغۇنچىلار رەزىل مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى. بۇ جەھەتتە، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن قەيەردىلا خىزمەت قىلسۇن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى ھەر ۋاقىت زىممىسىگە ئېلىپ، قەلبىگە پۈكىدۇ. ھەر بىرىمىز ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ، ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى باشتىن - ئاخىر ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلاپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ خوتۇنى، كېرىيە ناھىيە بازىرىدىكى «ئىناق» مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سارىگۈل مەتتۇرسۇن ئېرى ئۈستىدە توختالغاندا، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: مەن ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن توي قىلغىلى 17 يىل بولدى، ئۇ ئاتا - ئانىلىرىمىزغا ناھايىتى ۋاپادار. ئۇ دائىم ماڭا ئاتا - ئانىسىنىمۇ سۆيمەيدىغان ئادەم ۋەتەننى قانداقمۇ سۆيسۇن، دەيدۇ. توغراغاز يېزىسى ناھىيە بازىرىغا 20 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ يەردە ئىشلىگەن ۋاقتىدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيگە قايتالىسا چوڭ ئىش ئىدى، ئۇ بەزىدە ماڭا تېلېفون ئۇرۇپ «خوتۇن، بۇ ھەپتىدە مەن ئۆيگە قايتالمايمەن، چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!» دەيتتى. مەن ئۇنى چۈشىنىمەن، شۇڭا ئىككى بالامنى يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكىچە ئۆزۈم ئاپىرىپ - ئەكەلدىم. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بۇلتۇر 7 - ئايدا جاي يېزىسىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن ساددىلىق بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ناھىيە بازىرى ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئۆيگە كۆپرەك قايتالايدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن، لېكىن ئۇ ئۆيگە قايتمايلا قالماستىن، يەنە ئۆزى نۇقتىدا تۇرغان يۇقارىقى جاي كەنتىگە يوتقان - كۆرپىسىنىمۇ ئېلىپ كەتتى، بىر كەتسە بىر ئايغىچە قايتىپ كەلمەيدۇ. يېقىنقى كۈنلەردە، ئۇ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى ئېلان قىلماقچى بولۇپ، مېنىڭ پىكرىمنى ئالغىلى ئۆيگە كەپتۇ، مەن ئۇنى قەتئىي قوللىدىم. مېنىڭ پوزىتسىيەم شۇكى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى «كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر - ئۇرغا قاپتۇ»، دېگەندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش كېرەك!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر