باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن دېفېڭ

2017.03.28 16:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن دېفېڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى بىر يىللىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى مېنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىلدى. بىر يىللىق كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىمىز ئاخىرلاشقاندا، كەنت ئاھالىلىرى بىزنى ئۇزاتقىلى چىقىپ، قولىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ قىيمىغان ھالدا كۆز يېشى قىلىشتى. بۇ تەسىرلىك مەنزىرە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولساقلا پۇقرالارنىڭ بىزنى تۇغقان بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ئاق كۆڭۈل كەنت ئاھالىلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ئاساسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەل بىزنىڭ يېنىمىزدىلا، كۆپچىلىك بىردەك ئىتتىپاقلاشسىلا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق بولمايدۇ.

  چېن دېفېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «شىنجاڭدىكى مەسىلە تېگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىدۇر»، دەپ كۆرسەتكەن. مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانسېرى، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە كۈچەيتىشىمىز، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان پولات سېپىلنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  چېن دېفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ تۈپ مىزاننى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ دانا ئىدىيەنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقى ئارقىلىق ياشلارنى چوڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىشقا، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر