باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈشتىكى «ئۇلتاش» بولىمىز

شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى تەشۋىقات باشقارمىسى تۈزۈش، تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فەن جىنجۈن

2017.03.28 16:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئارمىيە - ھۆكۈمەت ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقى، ساقچى - خەلق ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان پولات سېپىلنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى تەشۋىقات باشقارمىسى تۈزۈش تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فەن جىنجۈن بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىشتە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھىملىقىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈش، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشتىكى «ئۇلتاش» بولۇشىمىز كېرەك.

  فەن جىنجۈن مۇنداق دەپ قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، چوقۇم رەھبەرلىك يادروسىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش تۈپ يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، زېھنىمىزنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا قارىتىپ، قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز؛ ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلاشقان ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ، خەلقنى سۆيىدىغان «قىزىل گېن»غا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا پائال ياردەم بېرىپ، ئارمىيە - خەلق بىردەك بولۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش گۈللەندۈرۈشتە ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز؛ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مېخانىزم ۋە سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنى تۇتقا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى، چېگرا باشقۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئارمىيە - خەلقنىڭ چوڭقۇر بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئارمىيە- خەلق بىرلىشىشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  فەن جىنجۈن مۇنداق دېدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، تىرىشىپ «تۆت بار ھەربى» بولۇپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈشتىكى ھەقىقىي «ئۇلتاش» بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر