باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا

2017.03.28 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىندا ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ 13-بەشيىللىق تەرەققىيات پىلانى»دا «ئىككى يادرو، بەش ئوق، بەش رايون» كەسىپلەر جايلىشىشى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ پىلاندىكى «ئىككى يادرو» ئۈرۈمچى بىلەن سانجىنى يادرو قىلىشنى، بەش ئوق شىخەنزە-قاراماي، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى-بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى-تارباغاتاي-ئالتاي، كورلا-ئاقسۇ، قەشقەر-قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى-خوتەن، تۇرپان-قۇمۇل ئوق مەركىزىنى، بەش رايون تەڭرىتاغ شىمالىي ئېتىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار توپلاشقان رايون، تەڭرىتاغ جەنۇبىي ئېتىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار توپلاشقان رايون، شەرقىي شىنجاڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار توپلاشقان رايون، قەشقەر-خوتەن-قىزىلسۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار توپلاشقان رايون، شىمالىي شىنجاڭ چېگرا بويى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار توپلاشقان رايوننى كۆرسىتىدۇ.

  بۇ «پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانا 216 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى يادرو ئۈرۈمچى بىلەن سانجىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانا 60 مىڭغا يەتكۈزۈلۈپ، يېمەكلىك ياسىمىچىلىقى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، كاۋچۇك ۋە رېزىنكە مەھسۇلاتلار كەسپى، مېتال مەھسۇلاتلار، دورا ياساش، مېتالدىن باشقا كان مەھسۇلاتلىرى كەسپى، زامانىۋى ئوبوروت، ئۇچۇر كەسپى، قۇرۇلۇش لايىھەلەش، پۈتۈش باھاسى مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكلەر نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر