خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى) بۇ يىل ئونسۇ ناھىيەسى 5000 ئائىلىلىك ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ تۈردە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى. ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ئەمىن ئۆي سالماقچى بولغان ھەر بىر ئائىلىگە 28 مىڭ 500 يۈەندىن ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، جەمئىي 142 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئاجراتقان، قۇرۇلۇش 10-ئاينىڭ باشلىرىدا پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن.
سۈرەتتە: 25-مارت، قۇرۇلۇشچىلار كومسۇمۇل باشقۇرۇش رايونى تۆۋەنكى جام كەنتىدە ئەمىن ئۆي سالماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى