خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلار قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى كەسىپ ماھارىتى بۇيىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، تىجارەت قىلىش ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشقا دائىر بىر تۈركۈم دېھقان ۋاسىتىچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار شەھەر-بازار ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇپ، بازاردىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتىنى تېزلىتىدىغان ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى.
سۈرەتتە: 26-مارت، دېھقان ۋاسىتىچى مۇھەممەتجان توختى (ئوڭدىن 1-كىشى) ئونسۇ بازىرىدا بۆلجۈرگەن ساتماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى