باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بۇ يىل 5435 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىش پىلانلاندى

مەمۇرلار بىر يىللىق سىناق مۇددىتىدە مائارىپقا ياردەم بېرىش كېرەك

2017.03.28 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ئاشكارا ھالدا 5435 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلماقچى، بۇنىڭ ئىچىدىكى %80 ئىش ئورۇنلىرى ناھىيە ۋە يېزا ئورگانلىرىغا يۈزلەنگەن، سىياسىي-قانۇن مەخسۇس ئىشتاتىنى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا-بازار مەمۇرلىرى ۋە تاللاپ ئىشلىتىلگەن كادىرلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان مەمۇرلار بىر يىللىق سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش كېرەك.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلقى مەمۇر قوبۇل قىلىشنىڭ يازما ئىمتىھان ۋاقتى 4- ئاينىڭ 23- ۋە 24- كۈنىگە بېكىتىلگەن. ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىدىغان 5435 نەپەر مەمۇرنىڭ خىزمەت ئورنى ئىچىدە، ناھىيە ۋە يېزا ئىككى دەرىجىلىك ئىش ئورنى ئومۇمىي ئىش ئورنىنىڭ %80.1نى ئىگىلەيدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىزىملىتىشىغا بولىدىغان ئىش ئورنى ئومۇمىي ساننىڭ % 75ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۆتكەن يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىل، سىياسىي-قانۇن مەخسۇس ئىشتاتىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان خەلق ساقچىلىرى ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا مەمۇرلىرى ۋە تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان كادىرلاردىن باشقا، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان مەمۇرلارنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستنىڭ يېزا يەسلىلىرىگە بېرىپ ئوقۇتۇشقا بىر يىل ياردەم بېرىش كېرەك.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئادەتتىن تاشقىرى» تەدبىر بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كادىرلار قوشۇنىنى نۇقتا قىلىپ تولۇقلايدىكەن، كونكرېت ئېيتقاندا، يەرلىكتىن قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى كەڭرەك قويۇۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرمۇ بۇلارنىڭ ئىچىگە ئېلىنىدىكەن، ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستقا ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيەلەرگە يۈزلەنگەن ھالدا مەمۇر قوبۇل قىلىشتا، خىزمەت ئورنىغا مەمۇر قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار ئۆز ئالدىغا تۈزۈم بەلگىلەپ، يازما ئىمتىھاننىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى ئۆزلىرى بېكىتىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سەپ خىزمەت ئورنىدا مەمۇر كەمچىل بولۇش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، قوبۇل قىلىش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، «بىر قېتىملىق يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى يىل بويى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىدۇ» دەيدىغان بەلگىلىمىدىكى ئۇسۇل بويىچە، بوش ئورۇننى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ تۇرۇپ مەمۇر قوبۇل قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر