خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن مۇنىردىن تۇنىياز، ئەركىنجانلار خەۋىرى، فوتوسى) 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى 49 كادىر ئۆز يېنىدىن 52 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ 20 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋېلىپ، ئارال بازىرى ئۆستەڭبۇيى كەنتىدىكى 106 نامرات دېھقانغا ئاپىرىپ بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.
ئونسۇ ناھىيەلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئاقنىياز مەتنىياز مۇنداق دېدى: ناھىيەلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئارال بازىرى ئۆستەڭ بۇيى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان نامرات دېھقانلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ خىمىيەۋى ئوغۇت ئەكېلىپ بېرىپ، بۇ كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل ئېلىپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە ياردەم قىلدۇق.
سۈرەتتە: دېھقانلارغا ئوغۇت تارقىتىپ بېرىلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى