باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى: بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2030 ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ

2017.03.17 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ 2016-يىلى 1-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان بېن ئابدۇلئەزىز ئەلزات 15-مارتتىن 18-مارتقىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى ئارماد يېقىندا بېيجىڭدا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەممىدىن بۇرۇن بۇ تەشەببۇسقا پائال ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاسىيا ئافرىقا ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈن، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ھالقا. مەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ يادرولۇق ۋە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى بۇ ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2030 ئارزۇسى بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر تۇتاشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى 2016-يىلى «سەئۇدى ئەرەبىستان 2030 ئارزۇسى» نامىلىق ئىسلاھات پىلانىنى ئېلان قىلدى، مەزكۇر پىلاننىڭ مەقسىتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نېفىتكە تايىنىشتىن قۇتۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر